ئەنگلىيەنىڭ خۇاۋېي ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتمەسلىك قارارى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى

خىتاي ئەنگلىيەنىڭ خۇاۋېي ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتمەسلىك ۋە خوڭكوڭ بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنى بىكار قىلىش قارارلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1458883
ئەنگلىيەنىڭ خۇاۋېي ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتمەسلىك قارارى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋىنبىن پايتەخت بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئەنگىلىيەنىڭ خۇاۋېي قارارى ئۈستىدە توختالدى.

ۋاڭ  ئاساسسىز ۋە دەلىل-ئىسپاتسىزشەكىلدە بەزى دۆلەتلەرنىڭ مۇئەييەن شىركەتلىرىنى يەكلەش ئۈچۈن بازار قائىدىسى ۋە ئادىل رىقابەت پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىشىغا خىتاينىڭ قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھەتتا دۆلەت بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ، چەت ئەل شىركەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىلىشىگە ۋە ھەمكارلىقلىرىنى توسۇش ئۈچۈن سۈنئىي توسالغۇلارنى پەيدا قىلىشىغىمۇ قارشىمىز» دېدى.

ۋاڭ بۇ خىل ئۇسۇلدا ھەرىكەت قىلىدىغانلارنىڭ پەقەت ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ۋە ھۆرمىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەنگلىيە 14-ئىيۇل كۈنى خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى تاكى 2027 – يىلىغىچە ئەنگىلىيەنىڭ G5 ئۇل ئەسلىھەلىرىدىن تولۇق چىقىرىپ تاشلاشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھەمدە تۈنۈگۈن G5 تورى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياپونىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلغان ئىدى.

باياناتچى ۋاڭ ئەنگلىيەنىڭ خوڭكوڭ بىلەن جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنىمۇ ۋاقتىنچە توختىتىش قارارى ئۈستىدە توختىلىپ:  «ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خوڭكوڭغا ئارىلىشىۋېلىش خاراكتېرلىك خاتا ئىنكاس ۋە ھەرىكەتلەردە بولدى شۇنداقلا خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي ئۆلچەملىرىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلدى» دېدى.

ۋاڭ فامىلىلىك يەنە: «ئەنگلىيە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلىشىۋالماقتا. خىتاي بۇ ئەھۋالنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ» دېدى ھەمدە ئەنگلىيەنى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىگە تېخىمۇ كۆپ زىيان يەتكۈزمەسلىكى ئۈچۈن خاتا يولدا تېخىمۇ ئىلگىرىلەىمەسلىككە چاقىردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر