ئالجىرىيە لىۋىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلشقا كۈچ چىقارماقتا

ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تەببۇن ئالجىرىيەنىڭ لىۋىيەدە مەسىلىنى ھەل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1458159
ئالجىرىيە لىۋىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلشقا كۈچ چىقارماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تەببۇن دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلىدا، ب د ت بىلەن كوردىناتسىيە ھالىدا بولىدىغان تىرىشچانلىقنىڭ «تۇنىس-ئالجىرىيە ھەل قىلىش چارىسى» بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ھەر قانداق شەخسىي قارارنى قوللىمايمىز. ئەمىر-بۇيرۇقلارنى رەت قىلىش، ئالجىرىيەنىڭ پىرىنسىپلىرىدىن بىرى» دېدى.

بىراق، ئۇ ھەل قىلش چارەسىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى.

ئۇ يەنە، ئالجىرىيە ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ھەر كۈنى دېگىدەك كۆرۈشۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ لىۋىيەدىكى قەبىلىلەرنىڭ قوراللىنىشىغا، ئالجىرىيەنىڭ قارشى ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىپ: «ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە، لىۋىيە قەبىلىلىرىنى ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن قوراللاندۇرۇش مەسىلىسىنى ئاڭلىدىم. بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى خەتەرلىك ئىش. بۇنداق بولغاندا، يېڭى سومالىغا دۇچ كېلىمىز ۋە ھېچقانداق مەسىلە ھەل بولمايدۇ» دېدى.

مىسىر پەيشەنبە (2020-يىلى 16-ئىيۇل) كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسىنىڭ پايتەخت قاھىرەدە لىۋىيە قەبىلىلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مىسىر پىرېزىدېنتى سىسى لىۋىيە قەبىلىلىرىگە، «دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ئاستىدا توپلىنىشىنى ۋە قوراللارنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىدا بولۇشى» نى چاقىرىق قىلىپ، دۆلەت ئارمىيەسىنى تەشكىللەش ئۈچۈن، مىسىرنىڭ لىۋىيە قەبىلە ئەزالىرىنى قارشى ئېلىشقا ۋە تەربىيەلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر