دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 15-ئىيۇل خاتىرىلەندى

تۈركىيەنىڭ پرىشتىنەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چاغرى ساكار كوسوۋۇ ھۆكۈمىتىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىغا قارشى ئالغان تەدبىرلىرىنى تەقدىرلەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1455470
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 15-ئىيۇل خاتىرىلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ پرىشتىنەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چاغرى ساكار 15-ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي بىرلىك كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ 15-ئىيۇل ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن، كوسوۋۇ خەلقىنىڭ تۈركىيەنى قوللاپ، نامايان قىلغان ھەمكارلىق روھىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيەنىڭ ئاۋستىرالىيە كانبېررادىكى ئەلچىخانىسى، سىدنېي ۋە مېلبورن كونسۇلخانىلىرىمۇ «15-ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي بىرلىك كۈنى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

كانبېررا ۋى سىدنېيدىكى پائالىيەتكە، تۈركلەردىن باشقا، ئوخشىمىغان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى. كانبېررادىكى باش ئەلچى كورھان كاراكوچ تۈركىيە خەلقىنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باشچىلىقىدا ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىنى يىڭىپ، دېموكراتىيە كۈرىشى قىلغانلىقىنى  بىلدۈردى.

ئۇ: «بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈشتىن يانمىغان بىر تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئاۋستىرالىيە ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت» دېدى.

تۈركىيەنىڭ توكيودىكى باش ئەلچىسى ھەسەن مۇرات مەرجان 15-ئىيۇل مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈركىيە-ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يېقىن مۇناسىۋىتى ۋە دۆلەت سەۋىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۆزئارا ئۇچرىشىشلارنىڭ، خائىن تەشكىلاتنىڭ ئىچكى يۈزىنىڭ ياپونىيەدە بىلىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابى ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھەمكارلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئەردوغان بىلەن شىنزۇ ئابىنىڭ ھەمكارلىقى ۋە ئۆزئارا ئۇچرىشىشلىرى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ياپونىيەدىكى تەسىرىنى ئازايتتى» دېدى.

تۈركىيەنىڭ كۇئالالۇمپۇردىكى باش ئەلچىسى مەرۋە سافا كاۋاكجىمۇ 15-ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي بىرلىك كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بۇ يەردىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ پۈتۈنلەي يوقىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مالايشىيانىڭ ياردىمى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتتى.

مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلىق ھەرىكىتى، مالايشىيا ئىسلام تەشكىلاتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى، مالايشىيا ئىسلام سودا بىرلەشمىسى، مالايشىيا دۇنيا تىنچلىق تەشكىلاتى، مالايشىيا سودا-سانائەت بىرلەشمىسى ۋە مالايشىيا سۈرىيەگە ياردەم قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبەرلىرى، تۈركىيەنىڭ كۇئالالۇمپۇردىكى ئەلچىخانىسىغا مەكتۇپ يوللاپ، تۈركىيە دۆلىتى ۋە خەلقىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر