51 مۇسۇلماننىڭ قاتىلى تېررورچى تارانت سوتتا ئۆزىنى ئۆزى ئاقلايدىغان بولدى

يېڭى زېلاندىيەنىڭ كرىستچورچ شەھىرىدىكى 2 مەسچىتكە قىلغان قوراللىق ھۇجۇمىدا، 51 كىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋە 49 كىشىنى يارىلاندۇرغان تېررورچى برېنتون تارانت 24 – ئاۋغۇستتىكى سوتتا ئۆزىنى ئۆزى ئاقلايدۇ.

1453977
51 مۇسۇلماننىڭ قاتىلى تېررورچى تارانت سوتتا ئۆزىنى ئۆزى ئاقلايدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى زېلاندىيە رادىيوسىنىڭ خەۋىرىگە ئاسالانغاندا، كرىستچورچ شەھىرىدىكى نۇر ۋە لىنۋۇد مەسچىتلىرىگە قارىتا تېرورلۇق ھۇجۇمى جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغان تېرورچى تارانت بۈگۈن ئەتىگەن تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئوكلاند تۈرمىسىدىن سىن ۋە ئاۋازلىق ئۇلىنىش ئارقىلىق سوتقا قاتنىشىپ ئۆزىنى ئۆزى ئاقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئادۋوكاتلىرى سوتتا تېرورچىغا ۋەكىللىك قىلىش ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋالغان.

يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋىد-19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن ۋە تېررورچىنىڭ جازاسىنى بېكىتىش ئۈچۈن 3 كۈن داۋاملىشىشى پىلانلانغان سوت 24 - ئاۋغۇستتا كىرىستچورچ شەھىرىدە باشلىنىدۇ ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا ۋاقتىنى ئۇزارتىشقىمۇ بولىدۇ.

ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئۈستۈنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاشقۇن ئوڭچىل تېررورچىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

تېررورچى تارانت كىرىستچورچ شەھىرىدىكى نۇر ۋە لىنۋۇد مەسچىتلىرىگە 2019 - يىلى 15 - مارتتا جۈمە نامىزى ئەسناسىدا ئاپتوماتىك قوراللار بىلەن تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلغان ئىدى.

يېڭى زېلاندىيەدە ۋە پۈتۈن دۇنيادا قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلغان بۇ ھۇجۇمدا، 1 نەپەر تۈكىيە پۇقراسىنى قوشقاندا، جەمئىي 51 كىشى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە 2 نەپەر تۈركىيە پۇقراسىنى قوشقاندا. جەمئىي 49 كىشى يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر