زەنگەنە: «ئىراننىڭ نېفىت سانائىتى ھەرقانداق شارائىت ئاستىدا تەسلىم بولمايدۇ»

ئىران نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرى بىجەن نامدار زەنگەنە، «ئىراننىڭ نېفىت سانائىتى ھەرقانداق شارائىت ئاستىدا تەسلىم بولمايدۇ» دېدى.

1453509
زەنگەنە: «ئىراننىڭ نېفىت سانائىتى ھەرقانداق شارائىت ئاستىدا تەسلىم بولمايدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرى بىلەن ئىران پېرسىيە شىركىتى خۇزىستان ئۆلكىسىدىكى ياران نېفىت رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان مىنىستىر زەنگەنە، ئىراننىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئېمبارگولار سەۋەبىدىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، بىراق زۆرۈر تېپىلغاندا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئىراننىڭ نېفىت سانائىتى ھەرقانداق شارائىت ئاستىدا تەسلىم بولمايدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى نېفىت سانائىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مەسىلە» دېدى.


خەتكۈچ: #نېفىت , #ئىران

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر