نيۇيوركتا تۇنجى قېتىم بىر مۇسۇلمان ساقچى يۇقىرى دەرىجىلىك مەنسەپكە تەيىنلەندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك ساقچى ئىدارىسى تۇنجى قېتىم بىر مۇسۇلمان ساقچىنى رايونلۇق ساقچى مۇدىرلىقىغا تەيىنلىدى.

1453215
نيۇيوركتا تۇنجى قېتىم بىر مۇسۇلمان ساقچى يۇقىرى دەرىجىلىك مەنسەپكە تەيىنلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نيۇ يورك مۇسۇلمان ساقچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئەسلى كېلىپ چىقىشى پاكىستانلىق باش كومىسسار ئادىل رانا، نيۇ يورك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن نيۇ يوركنىڭ 84 – رايونىغا مەسئۇل ساقچى باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى.

ئادىل رانا ۋەزىپىگە تەيىنلەش قارارىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، «بۇ جەمئىيىتىمىز، ياشلىرىمىز ۋە غەرب دۆلەتلرىىدە ئىسلامنىڭ ئىجابىي ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرۈش يولىدا كۈرەش قىلىۋاتقانلار ئۈچۈن ئىپتىخارلىنارلىق بىر ئىش بولدى» دېدى.

يېڭى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش جەريانىدا مۇسۇلمانلارغا ئەڭ ياخشى شەكىلدە ۋەكىللىك قىلىش ۋە بارلىق كىشىلەرگە گۈزەل ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان رانا، «بۇنىڭ بىزدىن كېيىن كېلىدىغان ئەۋلادغا نىسبەتەن  بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر