ئامېرىكا خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى سەۋەبىدىن خىتايغا جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنىڭ سېگنالىنى بەردى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان خىتايغا جازا يۈرگۈزۈش ئېھتىمالى بارلىقىنىڭ سىگنالىنى بەردى.
1451924
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبرىئېن NBC قانىلىغا بايانات بېرىپ، «مەزكۇر خەۋپسىزلىك قانۇنى ئارقىلىق خىتاي خوڭكوڭنى قولغا كىرگۈزىدىغاندەك كۆرۈنمەكتە» دېدى.
خوڭكوڭنىڭ سالاھىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن ئوبرىئېن، «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىز، خوڭكوڭنىڭ ئاپتونومىيەسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈرەلمىسە، خوڭكوڭ ۋە خىتايغا جازا يۈرگۈزىمىز» دەپ ئاگاھلاندۇردى.
ئاقساراي باياناتچىسى ماكئېناني مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «خىتايغا قارشى تاشلىنىدىغان يېڭى قەدەملەرنى يېقىندا ئاڭلايسىلەر» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقتىكى بىر تەبىئىي گاز مەيدانى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە شەھىرىدىكى كور-مور تەبىئىي گازلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.