زەرىف: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھېساب بېرىشى كېرەك

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، دونالد ترامپتىن كېيىن ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىدىغان رەھبەرلىكنىڭ، ئامېرىكانىڭ دۆلىتىگە قارشى قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھېسابىنى بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1450379
زەرىف: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھېساب بېرىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ئىتالىيە تاشقى سىياسەت تەتقىقاتلىرى مەركىزى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن «ئاقدېڭىز دىيالوگى» تېلېۋىزىيە يىغىنىدىكى سۆزى ئەسناسىدا يادرو كېلىشىمى توغرىسىدا توختالدى.

ئامېرىكادا نويابىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا كىمنىڭ غەلىبە قىلىشىنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكىنى، ئۆزلىرىگە نىسبەتەن مۇھىم بولغىنىنىڭ ئىرانغا تۇتۇلۇۋاتقان پوزىتسىيەنىڭ ئۆزگىرىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن زەرىف، «ۋاشىنگتوننىڭ كەلگۈسى رەھبەرلىكى، ئۆزىدىن بۇرۇنقى ھۆكۈمەتنىڭ تاشلىغان قەدەملىرىنىڭ جاۋابكارى بولىدۇ، ئۇلار ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھېسابىنى بېرىشى كېرەك» دېدى.

يادرو كېلىشىمىنىڭ ئەستايىدىل مۇزاكىرىلەر ۋە قىيىن شارائىتلار نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن «دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى بۈيۈك غەلىبە» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن زەرىف، «ئىران بارلىق ۋەدىلىرىنى ئورۇندىدى. ياۋروپالىقلارنىڭ ۋەدىلىرىدە تۇرماسلىقى ۋە قارشى تەرەپتىن ئورۇن ئالغانلارنىڭ خاتالىقلىرى سەۋەبىدىن ئىران يادرو كېلىشىمىدىن پايدىلىنالمىدى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر