خوڭكوڭ ساقچىلىرىغا يېڭى سالاھىيەتلەر بېرىلدى
خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايونىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت، دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنى دائىرىسىدە ساقچىلارغا يېڭى سالاھىيەتلەرنىڭ بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوڭكوڭ مەھەللىي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان يېڭى خەۋپسىزلىك قانۇنىنىڭ قوشۇمچە ماددىلىرىغا قارىغاندا، ساقچىلار «ئالاھىدە ئەھۋاللاردا» سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى بولماي تۇرۇپمۇ ئۆي – ماكانلارنى تەكشۈرەلەيدىكەن.
ساقچىلار يەنە، تەكشۈرۈش جەريانىدا كىشىلەرنىڭ شەھەردىن چىقىپ كېتىشىگە چەكلىمە قويالايدىكەن، يېڭى خەۋپسىزلىك قانۇنىغا ئاساسەن جىنايەت تەشكىل قىلىدىغان كۆچمە ۋە مۇقىم مۈلۈكلەر بىلەن ئۇلارنىڭ كىرىملىرىنى مۇسادىرە قىلالايدىكەن.
ساقچىلار، ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەتلەر، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە خەۋەرلىشىش سۇپىلىرى بىلەن بۇ سۇپىلارنى ئىشلىتىدىغان كىشىلەردىن دۆلەت ئامانلىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئۇچۇرلارنى ئۈچۈرۈپ تاشلىشىنى ۋە تىزگىنلىشىنى تەلەپ قىلالايدىكەن.
ساقچىلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇندىمىغان ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى شىركەتلىرى، سۇپىلار ۋە كىشىلەرگە 100 مىڭ خوڭكوڭ دوللىرى (13 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئەترپىدا) ئىقتىسادىي ياكى بىر ئايغىچە قاماق جازاسى بېرىلىدىكەن.
ساقچىلار يەنە، خوڭكوڭ ۋالىيسى كاررىې لامنىڭ ماقۇللىشى ئاستىدا ئۇچۇر – ئالاقىگە مۇداخىلە قىلالايدىكەن، مەخپىي كۆزىتىش ۋە تىڭشاش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنالايدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.