باغداد خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېقىن جايدا كاتيۇشا بومبىسى ھۇجۇمى يۈز بەردى
ئىراقنىڭ پايتەختى باغدداد خەلقئارا ئايرودورۇمىغا يېقىن جايغا كاتيۇشا بومبىسى ئېتىلدى.
1449993
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باغداد ساقچى ئىدارىسىدىن كاپىتان ئەھمەد ھالەف پايتەختتىكى خەلقئارا ئايرودۇرۇمغا يېقىن يەرگە چۈشكەن كاتيۇشا بومبىسىنىڭ ئادەم ئۆلۈش ياكى مال-مۈلۈككە زىيان يەتكۈزۈش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقارمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ يىل تۆتىنچى قېتىم قىلىنغان كاتيۇشا بومبىسى ھۇجۇمى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 16 – ئىيۇندا يۈز بەرگەن ئىدى.
كاتيۇشا بومبىسى ھۇجۇمىنىڭ كىملەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى توغرىسىدا ھازىرچە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق.