خىتايدىكى سۇ ئاپىتىدە ئاز دېگەندە 121 كىشى ئۆلدى

يىل بېشىدىن بۇيان خىتايدا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە كەم دېگەندىمۇ 121 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 19 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلىندى.

1449151
خىتايدىكى سۇ ئاپىتىدە ئاز دېگەندە 121 كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ (CCP) رەسمىي مەتبۇئاتلىرىدىن «خەلق كۈندىلىك گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىقى باياناتات ئېلان قىلىپ، 1 -ئايدىن بۇيان خىتاينىڭ  جەمئىي 26 رايونىدا سۇ ئاپىتى يۈز بەگەنلىكىنى ۋە 19 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

باياناتتا، بىر يېرىم مىليون گېكتار تېرىلغۇ يەرنىڭ كەلكۈن سەۋەبىدىن ۋەيران بولغانلىقى ۋە ئىقتىسادىي زىياننىڭ بولسا، 5 مىليارد 800 مىليون دوللار بولغانلىقى قەيت قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر