شىۋېيتسارىيە ساياھەت چەكلىمىسى قويۇلغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە تۈركىيەنى كىرگۈزمىدى

شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19)نى تىزگىنلەش مەقسىتىدە ساياھەت چەكلىمىسى قويغان 29 دۆلەتنىڭ ئىچىدە تۈركىيە ئورۇن ئالمىدى.

1448149
شىۋېيتسارىيە ساياھەت چەكلىمىسى قويۇلغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە تۈركىيەنى كىرگۈزمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن قارار ماقۇللاپ، 29 دۆلەتكە ساياھەتكە بېرىپ قايتىپ كەلگەنلەرنى 10 كۈن كارانتىن قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويغانىدى.

تۈركىيەنىڭ ئىسمى ئورۇن ئالمىغان مەزكۇر تىزىملىكتە يۇقۇملانغۇچىلار سانى پەۋقۇلئاددە كۆپىيىپ كەتكەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، يۇقۇمنىڭ يېڭى مەركىزىي بازىسى دەپ قارىلىۋاتقان بىرازىلىيە، رۇسىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىقلارنىڭ، شۇنداقلا سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، ئەزەربەيجان، ئەرمېنىيە، سېربىيە، ئىراق، ئىسرائىلىيە، چىلى ۋە پېرۇغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ ئىسمى ئورۇن ئالدى.

شىۋېيتسارىيەگە كىرىش چەكلىمىسىنىڭ 20 – ئىيۇلغىچە داۋاملاشتۇرۇلۇشى، ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا، شىۋېيتسارىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر