ب د ت يۇقۇمنى نەزەردە تۇتۇپ يەرشارىۋى ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىشنى قارار قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشى دائىرىسىدە 90 كۈن بويىچە يەرشارىۋى ئىنسانىي ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىش تەلىپىگە مۇناسىۋەتلىك قارارنى قوبۇل قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ 23 – مارتتىكى يەرشارىۋى ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقى ۋە 3 ئاي داۋاملاشقان مۇزاكىرىلەردىن كېيىن فىرانسىيە بىلەن كېڭەشنىڭ مۇۋەققەت ئەزالىرىدىن تۇنىس تەرىپىدىن تەييارلانغان «كوۋىد – 19» قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلدى.
يۇقۇم سەۋەبىدىن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەرگە بۇ قارارغا پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى ئۈچۈن 24 سائەت مۆھلەت بېرىلدى، قارار كېڭەشنىڭ 15 ئەزاسىنىڭ بىردەك قوللىشى بىلەن قوبۇل قىلىندى.
كوۋىد – 19 يۇقۇمىنىڭ بولۇپمۇ توقۇنۇش ۋە ئۇرۇش رايونلىرىدىكى ۋەيران قىلغۇچ تەسىرلىرىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەتىلگەن قاراردا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ بىخەتەر، توسالغۇسىز شۇنداقلا ئىزچىل يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن دەرھال 90 كۈنلۈك يەرشارىۋى ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئەسكەرتىلىشىچە، ئۇرۇش توختىتىش قارارى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن دائېش، ئەلقائىدە، ئەننۇسرە ۋە بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن چېتىشلىقى بار شەخس ۋە گۇرۇپپىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.