لىۋىيە: نۆۋەتتە ياللانما ئەسكەرلەرگە قارشى جەڭ قىلىۋاتىمىز

لىۋىيە ئارمىيەسى، ھافتەرنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان خەلقئارا ۋە رايونلۇق كۈچلەرنىڭ ھىمايىسىدىكى ياللانما ئەسكەرلەرگە قارشى جەڭ قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1445291
لىۋىيە: نۆۋەتتە ياللانما ئەسكەرلەرگە قارشى جەڭ قىلىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە ئارمىيەسى، دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ لىدىرى خەلىفە ھافتەرنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان خەلقئارا ۋە رايونلۇق كۈچلەرنىڭ ھىمايىسىدىكى ياللانما ئەسكەرلەرگە قارشى جەڭ قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

لىۋىيە ئارمىيەسى باياناتچىسى پولكوۋنىك مۇھەممەد قۇنۇنۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «لىۋىيەدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلار ۋە ئىسيانچىلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى، يەرلىك ۋەكىلى (ھافتەر) مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ماسكىلىرىنى ئېلىپ تاشلاپ، بۇزغۇنچىلىق سېلىش ۋە ۋەيران قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

نۆۋەتتە «يەرلىك ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارنىڭ قوراللىق كۈچلىرى» گە قارشى ئۇرۇش قىلمايۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن قۇنۇنۇ، «بۈگۈن لىۋىيەدە خەلقئارا ۋە رايونلۇق كۈچلەر قوللاۋاتقان ياللانما ئەسكەرلەرگە قارشى جەڭ قىلىۋاتىمىز. تىل بىرىكتۈرگۈچىلىرىگە كەلسەك، ئۇلار ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاچقا، بىرەر ئىش قىلالىغۇدەك ئەھۋالدا ئەمەس» دېدى.

ياللانما ئەسكەرلەرنىڭ سىرتە شەھىرىنى ئىشغال قىلغانلىقىنى ۋە لىۋىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىگە خەۋپ شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان قۇنۇنۇ، ئۇلارنىڭ ئاقىۋەتلىرىنىڭ «ئۆلۈم، تۈرمە ياكى چۆلگە سۈرگۈن قىلىنىش» بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، «ئىسيانچىلارنىڭ سەپلىرىدە جەڭ قىلغان جىنايەتچىلەرنى يەرلىك ۋە خەلقئارالىق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇشتىن باشقا چارىلىرىنىڭ يوقلۇقى»نى ئەسكەرتتى.

قۇنۇنۇ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى بىر باياناتىدا، سىرتە ۋە ئەلجۇفرە شەھەرلىرىدىكى رۇس ياللانما ئەسكەرلىرىنى تازىلاشنىڭ شەرت بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر