25 مىليون ئامېرىكالىقنىڭ يۇقۇملىنىش خەۋپىنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى 25 مىليون ئامېرىكالىقنىڭ يۇقۇملىنىش خەۋپىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1443683
25 مىليون ئامېرىكالىقنىڭ يۇقۇملىنىش خەۋپىنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 126 مىڭ 785 كە، يۇقۇملانغانلار سانى ئىككى مىليون 504 مىڭ 676 گە يەتكەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئەڭ كۆپ ئامېرىكالىقلارغا يۇققان بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. مەركەزنىڭ دىرېكتورى روبېرت رېدفېلد، مەۋجۇت يۇقۇملانغۇچىلار سانىدىن 10 ھەسسە ئارتۇق بولغان 25 مىليون ئامېرىكالىقنىڭ يۇقۇملىنىش خەۋپىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 37 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 34 مىڭ 678 گە يەتتى، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 239 مىڭ 706 گە يەتتى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 21 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 29 مىڭ 752 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 198 مىڭ 824 كە يەتتى.

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتتە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 10 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 28 مىڭ 330 غا، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 247 مىڭ 486 گە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

پورتۇگالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 6 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 1549 قا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 40 مىڭ 415 كە يەتتى.

بىرازىلىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 1141 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 54 مىڭ 971 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى بىر مىليون 228 مىڭ 114 كە يەتتى.

مېكسىكادا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 736 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 25 مىڭ 60 قا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 202 مىڭ 951 گە يەتتى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 104 كىشى قازا قىلغان ئاۋسترالىيەدە، 2 مىليون 232 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان 7 مىڭ 558 ئاۋسترالىيەلىكتىن 6 مىڭ 942 سىنىڭ ساقايغانلىقى، بۇ دۆلەتكە بارغانلارنىڭ، ئۇدا 14 كۈن كارانتىن ئاستىدا تۇتۇلىدىغانلىقى ۋە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

 22 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان يېڭى زېلاندىيەدە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 1520 گە يەتتى.

بەزى غەرب ئەللىرىدىكى يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى تۆۋەندىكىچە:

بېلگىيەدە 9 مىڭ 731؛ گېرمانىيەدە 9 مىڭ 12؛ پېرۇدا 8 مىڭ 761؛ كانادادا 8 مىڭ 504؛ شىۋېيتسىيەدە 5 مىڭ 230؛ چىلىدا 4 مىڭ 903؛ كولومبىيەدە 2 مىڭ 564؛ ئارگېنتىنادا 1150.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر