ياۋروپا ئىتتىپاقى گىرېتسىيەگە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاشنى تەۋسىيە قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى ئالىي ۋەكىلى جوسېف بورېل، تۈركىيە بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ گىرېتسىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

1442646
ياۋروپا ئىتتىپاقى گىرېتسىيەگە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاشنى تەۋسىيە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى ئالىي ۋەكىلى جوسېف بورېل، تۈركىيە بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ گىرېتسىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «شۇڭا تۈركىيە بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ قايتىدىن ئىشەنچ تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى ئالىي ۋەكىلى جوسېف بورېل گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس دېندىئاس بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە – گىرېتسىيە چېگراسىغا يېقىن ئېۋروس رايونىنى كۆزدىن كەچۈردى.

جوسېف بورېل زىيارەتتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۈركىيە بىلەن ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنىڭ ھەممىدىن بەك گىرېتسىيەگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «تۈركىيە بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن ھېچكىمنىڭ گىرېتسىيەنىڭكىدىنمۇ مۇھىم سەۋەبلىرى يوق. چۈنكى، نەتىجىدە ياخشى قوشنا بولۇشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تۈركىيە بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش ھەممىدىن بەك گىرېتسىيەگە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. نەتىجىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئورنىتىش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىنى نەزەردە تۇتىدىغان بولساق، بۇ مەسىلىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ يېتىمىز. مەنپەئەتلىرىمىزنىمۇ نەزەردە تۇتۇشىمىز كېرەك. شۇڭا تۈركىيە بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ قايتىدىن ئىشەنچ تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك. مۇناسىۋەتلىرىمىزنى گۈللەندۈرۈش ۋە مەۋجۇت ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ياۋروپا ئىتتىپاقى، تۈركىيە ۋە گىرېتسىيەگە پايدىلىق بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر