فىرانسۇز ژۇرنالىست: لىۋىيەدە خەتەرلىك ئويۇن ئويناۋاتقىنى تۈركىيە ئەمەس فىرانسىيەدۇر

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكروننىڭ تۈركىيە لىۋىيەدە ئويناۋاتىدۇ، دېگەن سۆزلىرى فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭمۇ نارازاىلىقىنى قوزغىدى.

1442792
فىرانسۇز ژۇرنالىست: لىۋىيەدە خەتەرلىك ئويۇن ئويناۋاتقىنى تۈركىيە ئەمەس فىرانسىيەدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە دۆلەتلىك رادىيوسى – رادىيو فرانسنىڭ دۇنيا تارقىتىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى جېئن – مارك فور، خەلقئارا قانۇنى ۋە سىياسىي نۇقتىدىن قارىغاندا فىرانسىيەنىڭ تۈركىيەگە <ساۋاق بېرىدىغان> ئورۇندا ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

يۇرونيۇزنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، لىۋىيەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار توغرىسىدا <سۈكۈت قىلىشى كېرەك بولغان بىر پايتەخت بولسا، ئۇ دەل پارىژدۇر> دېگەن فور، «خەلقئارا قانۇن نۇقتىسىدىن كىرىزىسنىڭ ئاساسىي جاۋابكارى فىرانسىيە. لىۋىيەدىكى پاجىئە 2011 – يىلى ئۆز دەۋرىنىڭ پىرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزي بىلەن باشلىدى» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن.

فىرانسىيەنىڭ، لىۋىيەدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ لىدىرى خەلىفە ھافتەرگە قورال بەرگەنلىكى توغرىسىدا نۇرغۇن كۈچلۈك پاكىتلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن فىرانسۇز ژۇرنالىست ، «2016 – يىلى فىرانسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ ئۈچ ئەزاسىنىڭ بىنغازىدىكى ئۆلۈمى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پەقەت فىرانسىيەگە تەۋە قوراللارنىڭ لىۋىيەدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئېلان قىلىشىنىڭ بۇ پاكىتلارنىڭ پەقەت ئىككىسىلا ئىكەنلىكى»نى قەيت قىلدى.

فور، فىرانسىيە دىپلوماتىيەسىنىڭ لىۋىيەدە ئاساسىي جەھەتتىن ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا ھافتەرنى قوللىشىنىڭمۇ قانۇنىي جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلغان لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنى قوللىغانلىقىنى خاتىرىتىلىپ ئۆتكەن فىرانسۇز ژۇرنالىست، «ئەسلىدە بۇ مەسىلىدىمۇ ئەنقەرە خەلقئارا قانۇنغا پارىژغا قارىغاندا بەكرەك رىئايە قىلىۋاتىدۇ. يەنى ئەسلىدە لىۋىيەدە خەتەرلىك ئويۇن ئويناۋاتقىنى فىرانسىيەدۇر» دېدى.

فىرانسىيەنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن خاتالىق سادىر قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن فىرانسۇز ژۇرنالىست فور، سىياسىي جەھەتتىن ھافتەرنى قوللاش ئارقىلىق پارىژنىڭ «خاتا ئات ئۈچۈن دو تىككەنلىكى»نى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر