كوسوۋو ھۆكۈمىتى ھىزبۇللاھقا ئالاقىدار قارار لايىھەسىنى ماقۇللىدى

كوسوۋو ھۆكۈمىتى، ھىزبۇللاھنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي قانىتىنى دۆلەت تەۋەلىكىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى، دەپ ئېلان قىلىشنى مەزمۇن قىلغان قارارنى ماقۇللىدى.

1442223
كوسوۋو ھۆكۈمىتى ھىزبۇللاھقا ئالاقىدار قارار لايىھەسىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوسوۋو ھۆكۈمىتى بايانات بېرىپ، قارارنىڭ «دۆلەت، رايون ۋە يەرشارىۋى بىخەتەرلىكنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى، دۆلەت مەنپەئەتلىرىنىڭ قوغدىلىشى ۋە تېررورچى گۇرۇپپىلارغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان خەلقئارا ئىتتىپاقلاردا ئاكتىپ رول ئويناش» مەقسىتىدە چىقىرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

كوسوۋو تاشقى ئىشلار، قوشۇمچە دىياسپورا ئىشلىرى مىنىستىرى مېلىزا ستۇبللا – خارادىناج، كوسوۋو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەشكىلاتنى ھەربىي ۋە سىياسىي قانىتى بىلەن بىرلىكتە مەشغۇلات ئېلىپ بارىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تەشكىلاتنىڭ نىشانىنىڭ «تېررور پىلانلىرىنى ئالغا سۈرۈش ئىكەنلىكى»نى ئېيتتى.

ھىزبۇللاھنىڭ ھەربىي قانىتى 2013 – يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر