ئامېرىكادىكى بىر گېزىتكە بېسىلغان ئسلامغا قارشى ئېلان نارازىلىق قوزغىدى

ئامېرىكانىڭ تېننېسسې ئىشتاتىدىكى بىر مەھەللىي گېزىتكە ھەپتە ئاخىرىدا بېسىلغان ئىسلامغا قارشى ئېلان ئىجتىمائىي تاراتقۇدا كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلدى.

1441217
ئامېرىكادىكى بىر گېزىتكە بېسىلغان ئسلامغا قارشى ئېلان نارازىلىق قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىشتاتنىڭ ئەڭ كۆپ تىراژلىق گېزىتى - The Tennesseean  غا تولۇق بەت بېسىلغان ئېلاندا، ئىشتاتنىڭ پايتەختى ناشۋىللېنىڭ «ئىسلام تەرىپىدىن يېقىنلىشىۋاتقان بىر يادرو ھۇجۇمى ئاستىدا ئىكەنلىكى» داۋا قىلىندى.

ئېلاندا، بۇ ھەقتە ئىنجىلدا بېشارەت بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، «پەقەت ئىشىنىش بىلەنلا قالمايمىز، سىلەرگە پاكىتلىرىنىمۇ سۇنالايمىزكى، ئىسلام، 2020 – يىلى 18 – ئىيۇلدا تېننېسسې ناشۋىللېدا بىر يادرو ئاپپاراتىنى پارتلىتىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

«ناشۋىللې پۇقراسىغا» تېمىلىق، «ئامېرىكا ئۈچۈن كېلەچەك مىنىستىرلىقى» ئىمزالىق ئېلاندىكى، ئامېرىكا بايرىقى ۋە ئوت يالقۇنلىرىنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە كاتولىكلارنىڭ رۇھانىي لىدىرى فرانسىسنىڭ رەسىملىرىنىڭ قويۇلۇشى، شۇنداقلا ترامپنىڭ «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئاخىرقى پىرېزىدېنتى» دېيىلىشى دىققەتنى تارتتى.

ئېلان ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زېمىنغا ئىككىنچى قېتىم كېلىشىنى كۈتۈۋاتقان ئاشقۇن ئوڭچىل خىرىستىيان گۇرۇپپا تەرىپىدىن بېرىلدى.

ئامېرىكا – ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى، ئاساسسىز ۋەھىمىلەرنى مەزمۇن قىلغان ئېلانغا ئىسلاموفوبىيانى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇشنىڭ بىر پارچىسى دەپ باھا بەردى ۋە ئۇنى ئەيىبلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن The Tennesseean  مەسئۇللىرى، «قورقۇنچلۇق ۋە ھەرقانداق ئەھۋالدا قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان» ئېلان ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، نورمالدا تەكشۈرۈشتىن ئۆتمەسلىكى كېرەك بولغان ئېلاننىڭ قانداق بولۇپ بېسىلغانلىقىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر