بەزى غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار تولۇقلىما مەلۇماتلار

دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 475 مىڭغا، يۇقۇملانغانلار سانى 9 مىليون 225 مىڭ 827 گە، ساقايغانلار سانى 4 مىليون 970 مىڭ 687 گە يەتتى.

1441743
بەزى غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار تولۇقلىما مەلۇماتلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 122 مىڭ 659 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى ئىككى مىليون 297 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا، ئەڭ كۆپ ئۆلۈم ۋە يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن نىيۇ يورك شەھىرىدە، كۈندىلىك ھاياتتا ئىككىنچى باسقۇچلۇق نورماللىشىش باشلاندى. بۇ دائىرىدە، ئىجتىمائىي مۇساپە ۋە تازىلىق پىرىنسىپلىرىغا ئاساسەن رېستورانلار ئوچۇق ھاۋادا مۇلازىمەت قىلالايدۇ، سودا سارايلار، ساتىراشخانىلار، ئۆي-مۈلۈك ساھەسى ۋە ئىبادەتخانىلار ئېچىلىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن تېگى ئافرىقالىقلارنىڭ دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقىنىڭ ئاق تەنتىكلەرگە قارىغاندا 4 ھەسسە ئارتۇق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 23 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 34 مىڭ 657 گە يەتتى، بۇ  جەرياندا يۇقۇملانغۇچىلار سانى 235 كىشى ئازايدى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 23 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 29 مىڭ 663 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 198 مىڭ 155 كە يەتتى.

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتتە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 21 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 28 مىڭ 324 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 246 مىڭ 504 كە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

پورتۇگالىيەدە يېقىنقى 48 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 4 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 1534 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 39 مىڭ 392 كە يەتتى.

ھازىرغىچە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى بىرازىلىيەدە 51 مىڭ 407 گە، مېكسىكادا 22 مىڭ 584 كە يەتتى.

گۋاتېمالا پىرېزىدېنتى ئالېجاندرو گىئامماتتې، پىرېزىدېنت مەھكىمىسىدە ئىشلەيدىغان 151 كىشىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر