ئەنگلىيەدە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈنۈگۈن ئەنگلىيەنىڭ بىر  يېزىسىدا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 3 كىشى  قازا قىلدى ۋە يەنە 3 كىشى يارىدار بولدى.

1440172
ئەنگلىيەدە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇجۇمنىڭ تېررورلۇق بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق ساقچىلار رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ۋەقەنىڭ تېرورلۇق بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئېيتتى.

پايتەخت لوندوندىن 60 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى رېدىڭ يېزىسىدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى توغرىسىدا تامېس جىلغىسى ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن بايانات ئېلان قىلىندى.

ھۇجۇمدا 3 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، يەنە 3 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى ھەمدە 25 ياشلىق بىر كىشىنىڭ نەق مەيداندا نازارەتكە ئېلىنغانلىقى ۋە جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

جىنايەتكە قارشى تۇرۇش ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئىئان ھانتېرمۇ ۋەقەگە دائىر جىنايەت تەكشۈرۈشى باشلانغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ھۇجۇم بۇ باسقۇچتا، تېرورلۇق ھەرىكىتى، دەپ قارالمايدۇ» دېدى.

بۇ ئارىلىقتا، باش مىنىستىر بورىس جونسون تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۇجۇمدىن قاتتىق چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر