بەزى غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار مەلۇماتلار

دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 463 مىڭ 463 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 8 مىليون 801 مىڭغا، ساقايغانلار سانى 4 مىليون 656 مىڭغا يەتتى.

1439748
بەزى غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار مەلۇماتلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 121 مىڭ 429 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى ئىككى مىليون 298 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا، فلورىدا ئىشتاتنىڭ دۆلەتتە يۇقۇمنىڭ يېڭى مەركىزى بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى. يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 3 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 3822 كىشى يۇقۇملانغان ئىشتاتتا، يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 89 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.  ئالاباما، ئارىزونا، كالىفورنىيە، نېۋادا، شىمالىي كارولىنا، ئوكلاخوما، ئورېگون، جەنۇبىي كارولىنا ۋە تېكساس ئىشتاتلىرىدا <ۋۇخەن ۋىرۇسى> بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى قايتىدىن كۆپىيىشكە باشلىدى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 47 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 34 مىڭ 561 گە يەتتى، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 21 مىڭ 543 كە تۆۋەنلىدى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 14 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 29 مىڭ 617 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 196 مىڭ 857 گە يەتتى.

كانادادا يېقىنقى 48 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 89 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 8 مىڭ 396 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 101 مىڭ 864 كە يەتتى.

ئاۋسترالىيە ۋىكتورىيە ئىشتاتىدا يېنىكلىتىلگەن «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى، يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىپ كېتىشى سەۋەبىدىن قايتىدىن چىڭىتىلدى.

پېرۇدا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 199 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 7 مىڭ 660 قا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 247 مىڭ 925 كە يەتتى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى، ئېكۋادوردا 4 مىڭ 156 گە، كولومبىيەدە 2045 كە يەتتى.

بەزى غەرب ئەللىرىدىكى يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى تۆۋەندىكىچە:

ئەنگلىيەدە 42 مىڭ 589، ئىسپانىيەدە 28 مىڭ 315، بېلگىيەدە 9 مىڭ 695؛ گېرمانىيەدە 8 مىڭ 960؛ شىۋېيتسىيەدە 5 مىڭ 53؛ چىلىدا 4 مىڭ 93.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر