ئامېرىكانىڭ 20 ئىشتاتىدا يۇقۇم رېكورت سەۋىيەگە چىقتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 456 مىڭ 791 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 8 مىليون 602 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 4 مىليون 552 مىڭدىن ئاشتى.

1439179
ئامېرىكانىڭ 20 ئىشتاتىدا يۇقۇم رېكورت سەۋىيەگە چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 120 مىڭ 688 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ۋە ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا، ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى بوشىتىلغاندىن كېيىن، تېكساس، فلورىدا ۋە ئارىزونا قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق ئىشتاتتا يۇقۇملىنىشنىڭ رېكورت سەۋىيەگە يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكادا يۇقۇملانغانلار سانى 2 مىليون 263 مىڭغا يېقىنلاشتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 66 كىشى ئېشىپ 34 مىڭ 514 كە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى بولسا، 333 كىشى ئاشتى، ئەمما 824 كىشىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشىلىنىشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 23 مىڭ 101 گە تۆۋەنلىدى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 28 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە بۇ سان 29 مىڭ 603 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 467 كىشى ئېشىپ 196 مىڭ 46 گە چىقتى.

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى يېقىنقى بىر ھەپتىدە 52 كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى 2020-يىلى 7-ئىيۇندىن بۇيان ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانىنى 27 مىڭ 136 دىن ئۆزگەرتمىدى. ئەمما، يېقىنقى 24 سائەتتە يۇقۇملانغانلار سانىدا 143 كىشىنىڭ ئېشىشى بىلەن، بۇ ساننىڭ 245 مىڭ 268 گە چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

پورتۇگالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە بىر كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 1 مىڭ 524 كە چىقتى. 417 كىشىنىڭ يېڭىدىن يۇقۇملىنىشى بىلەن، بۇ سان 38 مىڭ 89 غا چىقتى.

جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىگە جايلاشقان ئېكۋادوردا يېقىنقى 24 سائەتتە 80 كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، بۇ سان 4 مىڭ 87 گە، 607 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 49 مىڭ 97 گە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىككىنچى دۆلەت بولغان بىرازىلىيەدە، يېقىنقى 24 سائەتتە 1 مىڭ 238 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 47 مىڭ 869 غا چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى بولسا، 22 مىڭ 765 كىشى ئېشىپ 983 مىڭ 359 غا چىقتى.

مېكسىكادا بىر كۈندە 667 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى، بۇنىڭ بىلەن جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 19 مىڭ 747 گە چىقتى. 5 مىڭ 662 كىشىنىڭ يېڭىدىن يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 165 مىڭ 455 كە چىقتى.

پېرۇدا يېڭىدىن 204 كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 7 مىڭ 461 گە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى 3 مىڭ 480 كىشى ئېشىپ 244 مىڭ 388 گە چىقتى.

بالقان رايونىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن، ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋاباغا قارشى بەزى تەدبىرلەرنى قايتا يولغا قويدى.

سىلوۋېنىيە ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەنلەردە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بايقىلىشى سەۋەبىدىن بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا، سېربىيە ۋە كوسوۋۇدىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ بۈگۈن (2020-يىلى 19-ئىيۇن) دىن باشلاپ 14 كۈن كارانتىن قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2020-يىلى ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە قالمىغان، ئەمما 14-ئىيۇندىن باشلاپ باشقا دۆلەتتىن كەلگەن توققۇز كىشىدە ۋىرۇس  بايقالغان قاراتاغدا، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادىن كەلگەنلەرنىڭ يۇقۇملانمىغان بولۇشنى شەرت قىلدى.

قاراتاغدا تۈنۈگۈن (2020-يىلى 18-ئىيۇن) دىن باشلاپ ئاممىۋى سورۇنلاردا ماسكا تاقاش بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلدى.

كوسوۋۇدا يېڭىدىن 77 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. ھۆكۈمەت بەزى تەدبىرلەرنى يولغا قويدى. خىزمەتچىلەرنىڭ ماسكا تاقىشى ۋە ئىشخانىلاردا ئىجتىمائىي مۇساپىگە رىئايە قىلىش بەلگىلىمىلىرى يولغا قويۇلدى.

ئىدارە-ئورگانلاردا ئىشخانىلاردىكى كىشى سانىنى ئازايتىش ۋە يىراقتىن ئىشلەش ئىمكانىيەتلىرىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا يوليورۇقلار چۈشۈرۈلدى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئەنگلىيەدە 42 مىڭ 288، گېرمانىيەدە 8 مىڭ 946، كانادادا 8 مىڭ 300، شىۋېتسىيەدە 5 مىڭ 53، چىلىدا 3 مىڭ 841 2ە كولومبىيەدە 1950.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر