ناتودا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققۇسى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» باسقۇچىغا تەييارلىق خىزمىتى ئىشلەنمەكتە

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىققۇسى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» باسقۇچىدا يېڭىچە خىزمەتلەشنى ئىشلەش پىلانى ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

1439390
ناتودا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققۇسى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» باسقۇچىغا تەييارلىق خىزمىتى ئىشلەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ، ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئۇدا ئىككى كۈن داۋاملاشقان تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىققۇسى <ۋۇخەن ۋىرۇسى> باسقۇچىغا قارىتا تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىمەكتە. بۇ دائىرىدە، ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يېڭى باسقۇچتا يېڭىچە خىزمەتلەرنى ئىشلەش پىلانى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى زاپاس ساقلاش ۋە زۆرۈر داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تېز تەمىنلەش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىققۇسى <ۋۇخەن ۋىرۇسى> دولقۇنىغا قارىتا ئاگاھلاندۇرۇشلاردا بولماقتا. دەرۋەقە، ساغلاملىق كىرىزىسىنىڭ بىخەتەرلىك كىرىزىسىگە ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىشى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر