قاتار، مۇستەقىل ھەيئەت تەشكىللەپ لىۋىيەدە تېپىلغان كوللېكتىپ مازارلارنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

قاتار، لىۋىيەنىڭ تەرھۇنە شەھىرىدىن تېپىلغان كوللېكتىپ قەبرە ۋەقەسىنى ئەيىبلەپ، جاۋابكارلارنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن مۇستەقىل شۇنداقلا بىتەرەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

1438125
قاتار، مۇستەقىل ھەيئەت تەشكىللەپ لىۋىيەدە تېپىلغان كوللېكتىپ مازارلارنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – QNA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قاتار دۆلىتى، لىۋىيەدىكى بەزى تەرەپلەرنىڭ رەھىم – شەپقەتسىز قوراللىق ئۇنسۇرلارنى ئىشقا سېلىپ لىۋىيەلىكلەرنىڭ قېنى ۋە ھاياتلىق ھوقۇقىغا بىھۆرمەتلىك قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خەۋەردە، قاتارنىڭ تەرھۇنەدە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان كوللېكتىپ مازار ۋەقەسىنى ئەيىبلىگەنلىكى ۋە جاۋابكارلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن مۇستەقىل ۋە بىتەرەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ چاقىرىقلىرىغا ئاۋاز قوشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

لىۋىيە ئارمىيەسى، 5 – ئىيۇندا تەرھۇنەنى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ لىدىرى ھافتەردىن قايتۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، شەھەردىكى بىر دوختۇرخانىدا 106 ئادەمنىڭ جەسىتىنى تاپقانىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ھافتەر كۈچلىرى ھەرىكەت ۋە ئارقا سەپ مەركىزى قىلىپ پايدىلانغان تەرھۇنە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا يېقىنقى كۈنلەردە 8 ئايرىم كوللېكتىپ مازار تېپىلغان.

لىۋىيە ھۆكۈمىتى، «ئاھالىلەر رايونلىرىغا پارتلاتقۇچلارنىڭ، مىنالارنىڭ كۆمۈپ قويۇلۇشى، خالىغان ئادەم ئۆلتۈرۈش، جەسەتلەرنى تونۇلماس ھالەتكە كەلتۈرۈش، قىيىن – قىستاق» دېگەندەك جىنايەتلەرنىڭ تەكشۈرۈلۈشى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنى لىۋىيەگە تەكلىپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر