خىتاي ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ قەرزلىرىنى ئۆچۈرىدىغان بولدى

خىتاي ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە قايتۇرۇشى كېرەك بولغان ئۆسۈمسىز قەرزلىرىنى ئۆچۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1438677
خىتاي ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ قەرزلىرىنى ئۆچۈرىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ رەسمىي مەتبۇئاتى «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ «كوۋىد -19» يۇقۇمى ھەققىدە چاقىرىلغان «پەۋقۇلئاددە خىتاي - ئافرىقا باشلىقلار يىغىنى» دا سۆز قىلىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا تۆلىشى كېرەك بولغان ئۆسۈمسىز قەرزلىرىنى ئۆچۈرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئافرىقا قىتئەسىنىڭ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان «كوۋىد -19» ۋاكسېناسىدىن ئەڭ دەسلەپ پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى ھەققىدە ۋەدە بەردى ھەمدە خىتاينىڭ ئافرىقا قىتئەسىدە يېڭى دوختۇرخانا ۋە سەھىيە مۇئەسسەسەلىرىنى قۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئافرىقا دۆلەتلىرى قىيىن ئەھۋالدىكى ئىقتىسادىنى ياخشىلاش ئۈچۈن G-20 دۆلەتلىرىنى «قەرزىنى ئۆچۈرۈش ياكى كېچىكتۈرۈش» كە چاقىرغان ئىدى.

جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي - ئافرىقا تەتقىقات تەشەببۇسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە بانكالىرى ئافرىقا دۆلەتلىرىنى 2000 – يىلىدىن 2017 – يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە تەخمىنەن 143 مىليارد دوللار قەرزگە بوغۇپ قويغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر