ئەنگىلىيەدە قۇل سودىگىرى ھەيكەللىرى ۋە ئىسىملىرىغا قارشى سەپەرۋەرلىك داۋاملاشماقتا

ئەنگىلىيەدىكى قۇل سودىگىرى روبېرت مىلىگاننىڭ ھەيكىلىنى ئېلىۋېتىشكە رەھبەرلىك قىلغان يەرلىك كېڭەش ئەزاسى ئېتېشام خاك، سەپەرۋەرلىكئىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1436942
ئەنگىلىيەدە قۇل سودىگىرى ھەيكەللىرى ۋە ئىسىملىرىغا قارشى سەپەرۋەرلىك داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگىلىيەدىكى قۇل سودىگىرى روبېرت مىلىگاننىڭ ھەيكىلىنى ئېلىۋېتىشكە رەھبەرلىك قىلغان يەرلىك كېڭەش ئەزاسى ئېتېشام خاك، ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇشتا تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىش كېرەكلىكى ۋە باش ۋەزىر بورىس جونسوننىڭ بۇ مۇنازىرىدە  تەرەپ تۇتماسلىقى لازىملىقىىنى ئېيتتى.

«Tower Hamlets» رايونىنىڭ بەڭلادېشتا تۇغۇلغان كېڭەش ئەزاسى ئېتېشام خاك ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، 17 - ئەسىردىكى قۇل سودىگەرلىرىدىن جون كاسنىڭ ھەيكىلىنىڭ رايوندىن ئېلىپ تاشلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ رايوندىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

خاك ھەر كۈنى ئىرقچىلىققا دۇچ كەلگەن ئۆزى ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ ۋەكىللىك رولىغا ئىگە قۇل سودىگەرلىرىنىڭ ھەيكەللىرىگە ۋە جاي ئىسىملىرىغا قارسى سەپەرۋەرلىك باشلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خاك ئەنگلىيە دۆلىتىنىڭ ئىرقچىلىقنى توسۇشتا سەمىمىي بولىدىغان بولسا، ئافرىقالىقلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى رەنجىتىدىغان سىمۋوللارنى ئېلىپ تاشلىشى كېرەكلىكىنى، ئامېرىكادا جورج فلويىدنىڭ ئاق تەنلىك ساقچى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدىن كېيىن، تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك قەدەملەرنى بېسىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

خاك ئەنگىلىيەدىكى ھەيكەللەرگە مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەتنىڭ ئۇزۇن مەزگىل بۇرۇن باشلانغان ۋە ھازىر يۇقىرى پەللىگە چىققان بىر يارىشىش مۇساپىسى  ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «مېنىڭچە لوندوننىڭ ئۆزىنى قايتا رەتكە سېلىشى، سىمۋوللىرى، ھەيكەللىرى، ئابىدىلىرى ۋە زىيارەت قىلىنىدىغان جايلىرىنى يېڭىلىشى لازىم» دېدى.

خاك ئىمزا قويۇش پائالىيىتىدىن كېيىن قۇل سودىگىرى روبېرت مىلىگاننىڭ ھەيكىلىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئېلىۋېتىلىشى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «ھەيكەل ئارقىلىق قۇللۇقنىڭ ئۇلۇغلانماقتا» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر