خىتاي – ھىندىستان چېگراسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى لاداخ رايونىدا ھىندىستان ئەسكەرلىرى بىلەن خىتاي ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 3 ھىندىستان ئەسكىرى ئۆلدى.

1436933
خىتاي – ھىندىستان چېگراسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ NDTV› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لاداخ رايونىنىڭ ۋالگان ۋادىسىدا سۈركىلىشنى پەسەيتىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈنۈگۈن كېچە خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن ھىندىستان ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەرگەن، توقۇنۇشتا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.

ھىندىستان ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، توقۇنۇشتا ھىندىستان تەرەپتىن بىر ئوفىتسېر بىلەن ئىككى ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «نۆۋەتتە ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرى سۈركىلىشنى پەسەيتىش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزمەكتە.»

ئىگىلىنىشىچە، لاداخ رايونى ھىندىستاننىڭ خىتاي چېگراسىدا بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى 3 مىڭ 500 كىلومېتىرلىق چېگرا لىنىيەسىنىڭ كۆپ قىسمى، خىتاي – ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق توقۇنۇشلىرىغا سەھنە بولماقتا ئىكەن.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، «جەنۇبىي تىبەت» دەپ ئاتايدىغان ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال پرادېش ئۆلكىسىدىكى 90 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق زېمىننى «بىزنىڭ تېرروتېرىيەمىزگە تەۋە» دەپ قارىسا، يېڭى دېھلى ھۆكۈمىتى، ئاقساي چىن تۈزلەڭلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 38 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق ساھەنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر