رۇسىيە 2 دىپلوماتنى «ياختۇرۇلمايدىغان كىشى» ئېلان قىلدى
رۇسىيە چېخنىڭ موسكۋادىكى باش ئەلچىخانىسىدا ئىشلەۋاتقان 2 دىپلوماتنى «ياختۇرۇلمايدىغان كىشى» ئېلان قىلدى ۋە مەزكۇر شەخسلەردىن 2 كۈن ئىچىدە دۆلەتتىن چىقىپ كېتىشى تەلەپ قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، چېخنىڭمۇ 2 نەپەر رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
چېخنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋىتېزلاۋ پىۋونكا باياناتىدا، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئۆز-ئارا جاۋاب سۈپىتىدە، رۇسىيە چېخ باش ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان ئىككى دىپلوماتنى ياختۇرۇلمايدىغان كىشى ئېلان قىلدى. دىپلوماتلار 17 - ئىيۇننىڭ ئاخىرىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن رۇسىيەدىن ئايرىلىشى كېرەك» دېدى.
باياناتتا، دىپلوماتلارنى قوغلاپ چىقىرىش قارارىنىڭ چېخنىڭ كۈشكۈرتكۈچى ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئېلىنغانلىقى تەكىتلەندى.
چېخ باش مىنىستىرى ئاندرېج بابىس 5 - ئىيۇن كۈنى چېخ-رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن 2 روسىيە دىپلوماتىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئىلگىرىمۇ دىپلومات پاسپورتىغا ئىگە بىر رۇسىيەلىك جاسۇسنىڭ ئاپرېلدا چېخ ئەمەلدارلىرىغا سۇيىقەست قىلىش مەقسىتىدە چېخقا زەھەرلىك ماددىلارنى كىرگۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.