دائېش تېررورچىلىرى بىر ئۆيگە ھۇجۇم قىلىپ، 6 كىشى ئۆلتۈردى
ئىراقنىڭ شەرقىدىكى دىيالا ۋىلايىتىدە تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ بىر ئۆيگە قىلغان ھۇجۇمدا 6 كىشى قازا قىلىپ، يەنە 6 كىشى يارىلاندى.
1435547
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ شەرقىدىكى دىيالا ۋىلايىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كاپىتان ساقچى جافەر ئەل ۋائىلى دائېشنىڭ خانەكىن ناھىيەسىگە قاراشلىق دارا يېزىسىدا بىر ئۆيگە قوراللىق ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
جافەر ئەل ۋائىلى ئۆيگە قىلىنغان ھۇجۇمدا 6 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 6 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ رايوندا ئەتىگەندە دائېش ئەزاسى تېرورچىلارنى تۇتۇش ھەرىكىتى باشلىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.