بايدىن: ترامپنىڭ ئاۋاز بېلەتلىرىنى ئوغرىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمەن

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا پىرېزىدېنت نامزاتى جو بايدىن ترامپنىڭ 3 – نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنت سايلىمىدا ئاۋاز بېلىتىنى ئوغرىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1434929
بايدىن: ترامپنىڭ ئاۋاز بېلەتلىرىنى ئوغرىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ۋە دېموكراتلارنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى بايدىن، بىر تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، 5 ئايدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنت سايلىمى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەڭ قاتتىق ئەندىشەم، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئاۋاز بېلەتلىرىنى ئوغرىلىشى. چۈنكى بۇ ئادەم، <پوچتا ئارقىلىق ئاۋاز بېرىش ھىيلە – مىكىرلىك ئىش> دەۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، تەييارلىق سايلاملىرىدا پوچتا ئارقىلىق ئاۋاز بەردى. ترامپ سايلامدا يېڭىلگەن ۋە مەغلۇبىيىتىنى قوبۇل قىلمىغان تەقدىردە، يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىيلەرنىڭ ئۇنى ئاقسارايدىن چىقىرىۋېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر