بەزى غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار مەلۇماتلار

دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 419 مىڭ 391 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 7 مىليون 478 مىڭغا، ساقايغانلار سانى 3 مىليون 792 مىڭغا يەتتى.

1433691
بەزى غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار مەلۇماتلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 115 مىڭ 137 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى ئىككى مىليوندىن ئاشتى.

يۇقۇمنىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 245 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 41 مىڭ 128 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 290 مىڭ 143 كە يەتتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 71 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 34 مىڭ 114 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 31 مىڭ 710 غا يەتتى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 23 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 29 مىڭ 319 غا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 192 مىڭ 541 گە يەتتى.

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى، يېقىنقى 72 سائەت ئىچىدە ئۆلۈم ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى،  يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 27 مىڭ 136  گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 242 مىڭ 280 گە  يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

پورتۇگالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 5 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 1497 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 35 مىڭ 600 گە يەتتى.

كانادادا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 145 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 7 مىڭ 960 قا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 98 مىڭ 228 گە يەتتى.

مېكسىكادا، ئۇدا ئىككى ھەپتىدىن بېرى داۋالىنىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن 2 بوۋاق بىلەن قوشقاندا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 15 مىڭ 357 گە،  يۇقۇملانغۇچىلار سانى 124 مىڭ 301 گە يەتتى.

بىرازىلىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 39 مىڭ 297 كىشى قازا قىلدى.

بەزى غەرب ئەللىرىدىكى يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى تۆۋەندىكىچە:

بېلگىيەدە 9 مىڭ 629؛ گېرمانىيەدە 8 مىڭ 844؛ پېرۇدا 5 مىڭ 903؛ چىلىدا 2 مىڭ 475.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر