فەتھۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتى ھەم ئامېرىكادىن، ھەم گرۇزىيەدىن زەربە يېدى

ئامېرىكانىڭ ئالاباما ئىشتاتىدا فەتھۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتى ئاچماقچى بولغان ۋە دېلوسى 2019 - يىلى 8 - ئاۋغۇستتىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان كېلىشىملىك مەكتەپنى تاقاش قارار قىلىندى.

1433072
فەتھۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتى ھەم ئامېرىكادىن، ھەم گرۇزىيەدىن زەربە يېدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاباما دۆلەتلىك كېلىشىملىك مەكتەپلەر كومىتېتىدا ئېلىپ بېرىلغان ئاۋاز بېرىشتە، فەتھۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ «ۋودلاند تەييارلىق مەكتىپى» نىڭ ئېچىلىش شەرتىگە توشمىغانلىقى ۋە ئومۇمەن قوبۇل قىلىنغان مالىيە ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن تاقىۋېتىلىشى قارار قىلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، گرۇزىيە مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مەركىزىمۇ فەتھۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە شوتا رۇستاۋېلى باشلانغۇچ ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلدى.

گرۇزىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق مەركەزنىڭ يازما باياناتىدا، گرۇزىيەنىڭ رۇستاۋى شەھىرىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان فەتھۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە مەكتەپنىڭ ئىجازەتنامىسى مەكتەپتىكى مائارىپ شارائىتىنىڭ يىللىق مائارىپ پىلانىغا ماس كەلمەيدىغانلىقى سەۋەبىدىن بىكار قىلغانلىقى ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر