بەزى غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار تولۇقلىما مەلۇماتلار

دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 414 مىڭ 260 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 7 مىليون 347 مىڭ 800 گە، ساقايغانلار سانى 3 مىليون 627 مىڭ 230 غا يەتتى.

1433346
بەزى غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار تولۇقلىما مەلۇماتلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 114 مىڭ 167 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى ئىككى مىليون 46 مىڭ 53 كە يەتتى. ئامېرىكا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن گۋاتېمالاغا ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختىتىپ تەخمىنەن بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ دۆلەتكە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانلار ئۈچۈن ئايروپىلان سەپەرلىرىنى قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈردى.

بىرازىلىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 38 مىڭ 497 گە يەتتى، يۇقۇملانغۇچىلار سانى بولسا 742 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

مېكسىكادا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 14 مىڭ 649 غا يەتتى.

پېرۇدا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 5 مىڭ 738 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 203 مىڭ 708 گە يەتتى.

يۇقۇمنىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 286 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 40 مىڭ 883 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 289 مىڭ 140 قا يەتتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 79 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 34 مىڭ 43 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 32 مىڭ 872 گە يەتتى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 87 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 29 مىڭ 296 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 191 مىڭ 996 گە يەتتى.

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ئۆلۈم ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى،  يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 27 مىڭ 136  گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 241 مىڭ 966 گە  يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

پورتۇگالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 7 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 1492 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 35 مىڭ 306 گە يەتتى.

ئاۋسترىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 673 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 17 مىڭ 5 كە يەتتى.

بەزى غەرب ئەللىرىدىكى يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى تۆۋەندىكىچە:

بېلگىيەدە 9 مىڭ 629؛ گېرمانىيەدە 8 مىڭ 831؛ كانادادا 7 مىڭ 897؛ چىلىدا 2 مىڭ 283.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر