بەزى غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار مەلۇماتلار

دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 414 مىڭ 100 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 7 مىليون 341 مىڭغا، ساقايغانلار سانى 3 مىليون 619 مىڭ 500 گە يەتتى.

1432915
بەزى غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار مەلۇماتلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 114 مىڭ 151 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى ئىككى مىليون 45 مىڭ 715 كە يەتتى. ئامېرىكا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن گۋاتېمالاغا ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختىتىپ تەخمىنەن بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ دۆلەتكە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانلار ئۈچۈن ئايروپىلان سەپەرلىرىنى قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈردى.

بىرازىلىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 38 مىڭ 497 گە يەتتى، يۇقۇملانغۇچىلار سانى بولسا 742 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

مېكسىكادا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 14 مىڭ 649 غا يەتتى.

پېرۇدا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 5 مىڭ 738 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 203 مىڭ 708 گە يەتتى.

يۇقۇمنىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 286 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 40 مىڭ 883 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 289 مىڭ 140 قا يەتتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 79 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 34 مىڭ 43 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 32 مىڭ 872 گە يەتتى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 87 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 29 مىڭ 296 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 191 مىڭ 996 گە يەتتى.

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ئۆلۈم ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى،  يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 27 مىڭ 136  گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 241 مىڭ 966 گە  يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

پورتۇگالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 7 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 1492 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 35 مىڭ 306 گە يەتتى.

بەزى غەرب ئەللىرىدىكى يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى تۆۋەندىكىچە:

بېلگىيەدە 9 مىڭ 619؛ گېرمانىيەدە 8 مىڭ 831؛ كانادادا 7 مىڭ 889؛ چىلىدا 2 مىڭ 283.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر