جورج فلويىدنى ئۆلتۈرگەن ساقچى تۈنجى قېتىم سوتقا چىقىرىلدى

ئامېرىكادا ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى بىلەن قازا قىلغان ئافرىقىلىق جورج فلويىد ئۈچۈن ئۇنىڭ تۇغۇلغان يېرى شىمالىي كارولىنا ئىشتاتىدا ئىككى قېتىم جىنازە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن ئۈچىنچى قېتىملىق مۇراسىم تېكساس ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلدى.

1432309
جورج فلويىدنى ئۆلتۈرگەن ساقچى تۈنجى قېتىم سوتقا چىقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن ئەتىگەندە ھوستونغا ئېلىپ كېلىنگەن جورج فلويىدنىڭ جىنازىسى «Fountain of Praise» چېركاۋىدا 6 سائەت بۇيىچە زىيارەتكە ئېچىۋېتىلدى.

فلويىدنى خاتىرىلىمەكچى بولغان تۇغقانلىرى ۋە مىڭلىغان كىشىلەر چېركاۋ ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچرەت شەكىللەندۈردى.

ئاممىغا ئوچۇق دەپنە مۇراسىمىغا تېكساس ئىشتاتى ۋالىيسى گرېگ ئاببوت سالامەتلىك مەسىلىسىگە قارىماستىن چاقلىق ئورۇندۇق بىلەن قاتناشتى ۋە فلويىدنىڭ جەسەت ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ھۆرمەتتە تۇردى.

بۈگۈن ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن مەخسۇس مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، جورج فلويىد ھوستوندىكى خاتىرە باغچىسى قەبرىستانلىقىدا ئانىسى لاركېنيا فلويىدنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنىدۇ.

بۇ ئارىلىقتا، جورج نازارەتكە ئېلىش جەريانىدا بوينىنى تىزى بىلەن بېسىپ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان سابىق ساقچى مەمۇرى دېرېك چاۋىن تۇنجى قېتىم سوتقا چىقىرىلدى.

چاۋۋىن (44 ياش) مىننېسوتا ئوئاك باغچىسى ئېگىزلىكى دۆلەت تۈرمىسىدىن ئاپېلسىن رەڭلىك كىيىم كىيگەن  ۋە قوللىرى ئىشكەللىك بىر شەكىلدە سىن ئۇلىنىشى ئارقىلىق سوتقا قاتناشتى.

سوتچى چاۋۋىننىڭ كېپىللىك پۇلىنى بىر مىليون 250 مىڭ دوللارغا چىقاردى ۋە كېلەر قېتىملىق سوت يىغىنىنى 29 – ئىيۇنغا كېچىكتۈردى. ،

مىننېسوتا ئىشتاتىدا 5 -مايدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە، ئەسلى ئافرىقىلىق ئامېرىكا پۇقراسى جورج فلويىد نازارەتكە ئېلىنىش ئەسناسىدا «مەن نەپەس ئالالمايۋاتىمەن» دەپ ۋاقىرىغان بولسىمۇ، ئەمما ساقچى تىزىنى ئۇنىڭ بوينىدىن تارتمىغاچقا قازا قىلغان ئىدى.

بۇ ۋەقە شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە كەڭ – كۆلەملىك نامايىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر