بەزى غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار مەلۇماتلار

دۇنيا مىقياسىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 408 مىڭ 986 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 7 مىليون 211 مىڭغا، ساقايغانلار سانى 3 مىليون 550 مىڭغا يەتتى.

1432160
بەزى غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار مەلۇماتلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا  يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 113 مىڭ 61 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2 مىليون 26 مىڭ 597 گە يەتتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 65 كىشى بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 33 مىڭ 964 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 235 مىڭ 278 گە يەتتى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 54 كىشى بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 29 مىڭ 209 غا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 291 مىڭ 593 كە يەتتى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى  27 مىڭ 136 گە يەتكەن ئىسپانىيەدە، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ئۆلۈم ھادىسىسىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكى، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىنىڭ مۇددىتىنىڭ 21 – ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى، ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ % 23.6 كىچە يېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى  بىلدۈرۈلدى.

پورتۇگالىيەدە ېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 6 كىشى بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 1485 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 34 مىڭ 885 كە يەتتى.

پېرۇدا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 106 كىشى بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 5 مىڭ 571 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 199 مىڭ 696 گە يەتتى.

مېكسىكادا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 354 كىشى بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 14 مىڭ 53 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 120 مىڭ 102 گە يەتتى.

كولومبىيە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 1308 گە، يەتتى، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 40 مەڭدىن ئېشىپ كەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر