ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن پارتلاش نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئافغانىستاندا يول چېتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 7 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.

1427974
ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن پارتلاش نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇندۇز ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئېسمەتۇللاھ مۇرادىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خان ئاباد ناھىيەسىنىڭ جەنگەلباشى يېزىسىدا تالىبان ئەزالىرى تەرىپىدىن يول چېتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىنىڭ پۇقرالار ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا پارتلىشى نەتىجىسىدە 7 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 6 پۇقرا يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر