مىسىر ئارمىيەسى سىنانىڭ شىمالىدا 19 نەپەر قوراللىقنى ئۆلتۈردى
مىسىر ئارمىيەسى سىنانىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىدە، 19 نەپەر قوراللىقنى ئۆلتۈردى
1426698
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر قۇرۇقلۇق ئارمىيە باياناتچىسى تامىر ئەر رىفائىي يېقىندا سىنانىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان ھەرىكەتتە ئارمىيەنىڭ 19 نەپەر قوراللىق ئۇنسۇرنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
تامىر ئەر رىفائىي ھەرىكەت جەريانىدا 5 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ياكى يارىلانغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.
تامىر ئەر رىفائىي ھەرىكەتتە يەنە، پارتىلاتقۇچ دورا، ئاپتوماتىك مىلتىق ۋە RPG راكېتامىيوتلىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.