لىۋىيە ئارمىيىسى ترابلۇس ئايرۇدۇرۇمىنى ھافتەردىن تارتىپ ئېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ

لىۋىيە ئارمىيىسى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى ھافتەرگە تەۋە ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان تىرابلۇس ئايرودرومىغا يېقىن كەيخ مەھەللىسىنىڭ كونتروللۇقىنى ئالقىنىغا ئالدى.

1426652
لىۋىيە ئارمىيىسى ترابلۇس ئايرۇدۇرۇمىنى ھافتەردىن تارتىپ ئېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە ئارمىيىسى قىسىملىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىفە ھافتەرگە تەۋە قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى تىرابلۇس ئايرودورۇمىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ھەرىكىتىنى باشلىدى.

زەمبىرەكچى قىسىم ئايرودورۇم ئىچىدىكى ھافتەر ئەسكەرلىرىگە تەۋە ئۈچ قوراللىق ئاپتوموبىلنى پاچاقلاپ تاشلىدى.

بىخەتەرلىك مەنبەلىرى، لىۋىيە ئارمىيەسىنىڭ تىرابلۇس ئايرودورۇمىغا يېقىن ئەل كەيخ رايونىنى قوراللىق ئۇنسۇرلاردىن تازىلىغانلىقىنى  ۋە ھافتەر ئەسكەرلىرى بىلەن كەسكىن توقۇنۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

لىۋىيە ئارمىيىسى يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ھافتەرگە تەۋە قوراللىق ئۇنسۇرلارغا قارشى نۇرغۇن ھەربىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە.

ھافتەر قارمىقىدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلار 2019-يىلى 4-ئاپرېلدا پايتەختنى قولغا كىرگۈزىۋېلىش ئۈچۈن ھۇجۇم قوزغاپ، دۆلەتنى توقۇنۇشقا ئىتتىرگەن ئىدى.

بۇ مەزگىلدە نۇرغۇن ئولتۇراق رايونلار ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان ۋە نۇرغۇن پۇقرالار ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. خافتەر قوراللىقلىرى 2019-يىلى 6-ئاپرېلدا پايتەختتىكى ئايرودورۇمىنى ئىشغال قىلىۋالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر