ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن پارتلاش بالىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قەندەھار ۋىلايىتىدە موتوسىكلىتقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە ئىككى بالا جېنىدىن ئايرىلدى.
1426150
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قەندەھار ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى جامال ناسىر بارىكزەينىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەندەھارنىڭ مەركىزىدە موتوسىكلىتقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبا پارتلاپ، ئىككى بالا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 5 پۇقرا يارىلانغان، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.