ئىراندا يۈز بەرگەن توقۇنۇش ئەسكەرلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
ئىراننىڭ غەربىي شىمالىدا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن قوراللىق گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 3 ئىران ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلدى.
1425572
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (IRNA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، غەربىي ئەزەربەيجان ئۆلكىسىگە قاراشلىق سەردەست شەھىرىگە يېقىن ئىراق چېگراسى ئەتراپىدا چېگرا قوغدىغۇچىلار بىلەن قوراللىق گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 3 ئىران ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا تېررورچى ئۆلتۈرۈلگەن.
توقۇنۇش يۈز بەرگەن رايون، ئىلگىرىمۇ ئىران ئەسكەرلىرى بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىران قانىتى PEJAK ئتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارغا سەھنە بولغانىدى.