لىۋىيەدىكى رۇس ياللانما ئەسكەرلەرنىڭ %90 ىدىن كۆپرەكى جەنۇب تەرەپكە چېكىندى

لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ لىدېرى خەلىفە ھافتەرنىڭ سېپىدە جەڭ قىلىۋاتقان رۇس بىخەتەرلىك شىركىتى – ۋانگېرنىڭ ياللانما ئەسكەرلىرىنىڭ %90 ىدىن كۆپرەكى جەنۇب تەرەپكە چېكىندى.

1424146
لىۋىيەدىكى رۇس ياللانما ئەسكەرلەرنىڭ %90 ىدىن كۆپرەكى جەنۇب تەرەپكە چېكىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بەنى ۋەلىد شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى سالىم نەۋىر، لىۋىيەنىڭ «ئەلئەھرار» تېلېۋىزىيەسىگە بايانات بېرىپ، بەنى ۋەلىدتىكى ياللانما ئەسكەرلەرنىڭ %90 ىدىن كۆپرەكىنىڭ ئاپتوموبىللارغا ئولتۇرۇپ شەھەردىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

7 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ھەربىي ئاپتوموبىللار تىزمىسىنىڭ شەھەردىن چىقىپ جەنۇب تەرەپكە قاراپ ئىلگىرىلىگەنلىكىنى قەيت قىلغان نەۋىر، بەنى ۋەلىد ئايرودۇرۇمىدىكى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ ئاپتوموبىللارغا بېسىلىپ – بېسىلمىغانلىقىنىڭ تېخى ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

لىۋىيە ئارمىيەسى باياناتچىسى پولكوۋنىك مۇھەممەد قۇنۇنۇ 25 – مايدا بايانات بېرىپ، پايتەختتىن چېكىنگەن ياللانما ئەسكەرلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن بەنى ۋەلىد ئايرودۇرۇمىغا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 15 ھەربىي يۈك ئايروپىلانىنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر