تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى (TİKA) يەمەندە خەلققە ياردەم بويۇملىرى تارقاتتى

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى (TİKA) بىلەن ئاپەت ۋە جىددىي ھالەتلەرگە  تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى (AFAD) يەمەننىڭ تائىز ۋە لاھىج ۋىلايەتلىرىدە 3000 يېمەكلىك پوسۇلكىسى تارقاتتى.

1422705
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى (TİKA) يەمەندە خەلققە ياردەم بويۇملىرى تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى (TİKA) نىڭ يەمەن ئىشلىرى مەسئۇلى ئابدۇللا سارى ئاپەت ۋە جىددىي ھالەتلەرگە  تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى (AFAD)  بىلەن ماسلىشىپ، 3 مىڭ يېمەكلىك پوسۇلكىسى تارقاتقانلىقىنى، بۇ پوسۇلكىلاردىن 2 مىڭنى تائىزدا ۋە مىڭنى لاھىجدا تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئابدۇللاھ سارى لاھىج ۋە تائىزدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەنمۇ ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلغانلىقىنى شۇنداقلا ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلغان نامرات ئائىلىلەرنىڭ ياردەم نىشانى قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يەمەندە ئىچكى ئۇرۇش 6 يىلدىن بۇيان داۋاملاشقان بولۇپ، خەلق ئاچارچىلىق تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك شارائىتى ئېغىرلاشقان ئىدى.

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى (TİKA) يەمەندە تۈركىيەنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىنسانپەرۋەرلىك تاشقى سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر