رۇسىيە: نەپەسلىنىش ئۈسكۈنىسى ئەۋەتىشى ئامېرىكانىڭ سەمىمىيىتى

رۇسىيە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە نەپەسلىنىش ئۈسكۈنىسى ئەۋەتىشىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سەمىمىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1421713
رۇسىيە: نەپەسلىنىش ئۈسكۈنىسى ئەۋەتىشى ئامېرىكانىڭ سەمىمىيىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاھاروۋا، ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە، رۇسىيەگە مەخسۇس بىر ئايروپىلان بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە 50 دانە نەپەسلىنىش ئۈسكۈنىسى ئەۋەتكەنلىكىنى، كېلەر ھەپتە يەنە ئەۋەتىدىغانلىقىنى، بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئېھتىياجلىق سەھىيە ئورگانلىرىغا تارقىتىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىلگىرى رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىگە تېببىي لازىمەتلىكلەر ئەۋەتكەنلىكىنى، ئەمدىلىكتە بولسا، نەپەسلىنىش ئۈسكۈنىسى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رۇسىيەگە ياردەم بېرىش ئىمكانىيىگە ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقى ۋە سەمىيىتىنىڭ نامايەندىسىدۇر. شۇنىڭ بىلەن، ھەر ئىككى تەرەپ بۇرچىنى ئادا قىلغان بولدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر