نىيۇ يورك تۈرمىلىرى ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 330 مىڭ 250 دىن، يۇقۇملانغانلار 5 مىليون 1112 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 2 مىليون 38 مىڭ 700 دىن ئاشتى.

1421088
نىيۇ يورك تۈرمىلىرى ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 93 مىڭ 858 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 1 مىليون 576 مىڭ كىشى يۇقۇملاندى.

نىيۇ يورك ۋالىيسى ئاندجىرۇ كۇامو (Andrew Cuomo) ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان دىنىي ئىبادەتلەرنىڭ، ئىجتىمائىي مۇساپىغا دىققەت قىلىش ۋە ماسكا تاقاش شەرتى بىلەن، ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 كىشىنىڭ بىرلىكتە باشلانسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تۈرمىلىرى ئىچىدە نىيۇ يوركتىكى تۈرمىلەر ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىدى.

«نىيۇ يورك تايمېس گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نىيۇ يورك شەھىرىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان 9 مىڭ 680 تۈرمە خادىملىرىدىن 1 مىڭ 259 ىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغان بولۇپ، ئىككى سەھىيە خادىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 تۈرمە خادىمى جېنىدىن ئايرىلغان.

ئامېرىكادىكى بەزى ئىشتات ھۆكۈمەتلىرى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ئاساسسىز خەۋەرلەر بىلەن كۈرەش قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى قۇرغان.

ۋابانىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە، يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 363 كىشى ئېشىپ 35 مىڭ 704 كە چىقتى. يۇقۇملانغانلار 2 مىڭ 472 كىشى ئېشىپ 248 مىڭ 293 كە چىقتى.

ئايال پادىشاھ 2-ئېلېزابېتنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر يىلى ئېلان قىلىنىدىغان «شەرەپ تىزىملىكى» گە، ۋاباغا قارشى تۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن «قەھرىمان» لارنىڭ قوشۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىتالىيە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى يېقىنقى 24 سائەتتە 161 كىشى ئېشىپ 32 مىڭ 330 غا چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى 2 مىڭ 377 كىشى ئازىيىپ 62 مىڭ 752 گە تۆۋەنلىدى.

فىرانسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى يېقىنقى 24 سائەتتە 110 كىشى ئېشىپ 28 مىڭ 132 گە چىقتى، يۇقۇملانغانلار سانى 418 كىشى ئېشىپ 216 مىڭ 944 كە چىقتى. رېننېس شەھىرىنىڭ بەزى رايونلىرىدا كىشىلەرنىڭ بىر يەرگە توپلىنىشى ۋە ھاراق ئىچىشى سەۋەبىدىن شۇ يەر ۋاقتى 16:00 دىن 07:00 گىچە بولغان ئارىلىقتا ھاراق ئىچىش چەكلەندى. بۇ بەلگىلىمىگە بويسۇنمىغانلارغا 135 ياۋرو جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىسپانىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 95 كىشى ئېشىپ 27 مىڭ 888 گە چىقتى. يۇقۇملانغانلار 232 مىڭ 555 كە چىقتى.

بارسېلونا شەھىرىدە پىيادە مىڭىش ۋە چېنىقىش ئۈچۈن ئېچىلغان جايلارغا سەل بولۇپ ئاققان خەلق، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە يولغا قويۇلغان تەدبىرلەرگە خىلاپلىق قىلدى.

ئىسپانىيە پارلامېنتى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 2020-يىلى 14-مارتتىن بۇيان يولغا قويۇلغان ۋە 24-مايدا ۋاقتى توشىدىغان جىددىي ھالەت يەنە ئىككى ھەپتە ئۇزارتىلدى.

بىرازىلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 18 مىڭ 860 قا چىقتى. 291 مىڭ 579 كىشى يۇقۇملاندى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 8 مىڭ 270 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان گېرمانىيەدە، بەزى جامەلەردە بەلگىلەنگەن قائىدەلەر دائىرىسىدە بۇ يىل (2020) نىڭ تۇنجى تەراۋىھ نامىزى ئوقۇلدى.

گېرمانىيەدە 2020-يىلى 9-مايدىن باشلاپ جامەلەردە تەدبىرلەرگە ئاساسەن بامدات، پېشىن ۋە ئەسىر نامازلىرىنىڭ ئوقۇلۇشىغا رۇخسەت قىلىنغان ئىدى.

كانادادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 6 مىڭ 136 گە، يۇقۇملانغانلار 80 مىڭ 142 گە ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 40 مىڭ 776 گە چىقتى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈملەر سانى تۆۋەندىكىچە:

بېلگىيە 9 مىڭ 150، مېكسىكا 6 مىڭ 90، گوللاندىيە 5 مىڭ 748، شىۋېتسىيە 3 مىڭ 831، پېرۇ 3 مىڭ 24، ئېكۋادور 2 مىڭ 888، شىۋېيتسارىيە 1892، ئېرىلاندىيە 1 مىڭ 571، پورتۇگالىيە 1 مىڭ 263، كولومبىيە 630، ئارگېنتىنا 403 ۋە چىلى 544.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر