ترامپ: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۆزىنى تەرتىپكە سېلىشى كېرەك

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسىKovid-19) ) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 325 مىڭدىن، يۇقۇملانغانلار سانى نەخمىنەن 5 مىليوندىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 970 مىڭدىن ئاشتى.

1420248
ترامپ: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۆزىنى تەرتىپكە سېلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋابا مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 93 مىڭ 500 دىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن قانداق ئىسلاھاتلارنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى» ھەققىدىكى سوئالغا:

«دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۆزىنى تەرتىپكە سېلىشى ۋە تېخىمۇ ياخشى ئىشلارنى قىلىشى كېرەك» دەپ جاۋاب بەردى.  

ۋابانىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان نىيۇ يورك شەھىرىدە بولسا، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغان 28 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىچىدىكى كۆپىنچە كىشىنىڭ قارا تەنلىكلەر ۋە ئەسلى لاتىن ئامېرىكالىقلار بولغانلىقى ئاشكارىلاندى. برۇكلىن (Brooklyn) دا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىگە بويسۇنماستىن دەرس ئۆتۈشنى داۋاملاشتۇرغان يەھۇدىي مەكتىپى تاقالدى.

ۋابانىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 545 كىشى ئېشىپ 35 مىڭ 341 گە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى بولسا 2 مىڭ 412 كىشى ئېشىپ 248 مىڭ 818 گە چىقتى.

ئەنگلىيە سەھىيە ۋەزىرى مات خانكوك (Matt Hancock) پارلامېنتتا بايانات ئېلان قىلىپ، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ %89 نىڭ 69 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 162 كىشى ئېشىپ 32 مىڭ 169 غا چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى بولسا، 1 مىڭ 424 كىشى ئازىيىپ 65 مىڭ 129 غا تۆۋەنلىدى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 28 مىڭ 22 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 813 كىشى ئېشىپ 217 مىڭ 339 غا چىقتى.

فىرانسىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى باش مۇدىرى جېروم سالومون (Jerome Salomon) فىرانسىيەدە يۈرەك ۋە قان تومۇرلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن كاۋاساكى (Kawasaki) كېسەللىكىگە ئوخشايدىغان كېسەللىكنىڭ 152 كىچىك بالىدا بايقالغانلىقىنى، كېسەللىكنىڭ ۋابا بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ يوق، بۇنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 100 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئاۋستىرالىيەدە، يېڭى گاللېر ئىشتاتىدا مەكتەپلەر 2020-يىلى 25-ماي ئېچىلىدۇ. 1-ئىيۇندىن باشلاپ تەتىلگە قويۇپ بېرىلىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ.

گىرېتسىيە پايتەختى ئافېنادا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى يولغا قويۇلغان تەدبىرلەر سەۋەبىدىن تەخمىنەن ئىككى ئايدىن بۇيان تاقىلىپ تۇرۇۋاتقان جامەلەر قايتىدىن ئېچىۋېتىلدى.

بىرازىلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 17 مىڭ 971 گە، يۇقۇملانغانلار 271 مىڭ 628 گە چىقتى.

     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر