لىۋىيە: تۈركىيە بىلەن لىۋىيە ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم ئوچۇق - ئاشكارا ئىجرا قىلىنماقتا

لىۋىيە مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى پولكوۋنىك سالاھۇددىن نەمرۇشى، لىۋىيە ھۆكۈمىتى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا شەكىلدە ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1420242
لىۋىيە: تۈركىيە بىلەن لىۋىيە ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم ئوچۇق - ئاشكارا ئىجرا قىلىنماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولكوۋنىك سالاھۇددىن نەمرۇشى، لىۋىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «غەزەپ ۋولقىنى» ھەربىي ھەرىكىتى قوماندانلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقو تورى فەيسبۇكتىكى ھېساباتىدا ئېلان قىلىنغان يازما باياناتىدا، «لىۋىيە ھۆكۈمىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ناتو ئەزاسى تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغان تەبىئىي ھەققىمىزدۇر. ترابلۇس بىلەن ئەنقەرە ئوتتۇرىسىدىكى ياردەملىشىش خەلقئارا قانۇنلارغا ئۇيغۇندۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

تۈركىيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىملەرنىڭ مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئىيوردانىيە ۋە رۇسىيەنىڭ ئىسيانچى خەلىفە ھافتەرگە قىلغان ياردەملەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈش شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى تەكىتلىگەن نەمرۇشى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئۇرۇش جىنايەتچىسى ھافتەر، ھاكىمىيەتنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇش جەھەتتە ئىككىنىپ ئولتۇرمايدۇ. ئۇ سادىر قىلغان بۇنچىلىك جىنايەتلەر ۋە ئېلىپ بارغان قەتلىئاملارغا قارىماي مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر