بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار تولۇقلىما خاراكتېرلىك يېڭى مەلۇماتلار:

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 318 مىڭدىن ئاشتى.  يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 4 مىليون 860 مىڭغا ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 890 مىڭغا يەتتى.

1419670
بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار تولۇقلىما خاراكتېرلىك يېڭى مەلۇماتلار:

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 90 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن يۇقۇمنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىپ قالغان ئامېرىكادا سەھىيە مىنىستىرى ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت مىنىستىرى ئالېكس ئازار دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى قارار ماقۇللاش ئورگىنى بولغان دۇنيا سەھىيە گەۋدىسى مەجلىسىدە «بۇ تەشكىلات دۇنيانىڭ ئېھتىياجلىق بولغان ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىشتە مەغلۇپ بولدى ۋە بۇ مەغلۇبىيەت نۇرغۇن ئىنساننىڭ جېنىغا زامىن بولدى» دېدى.

يۇقۇمنىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىگە ئايلىنىپ قالغان ئەنگلىيەدە بولسا، كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئالدىنقى كۈنى 160 كىشى ئېشىپ، 34 مىڭ 796 گە يەتتى. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 2684 كىشى كۆپىيىپ، 246 مىڭ 406 گە يەتتى. سەھىيە مىنىستىرى مات خەنكوك پارلامېنتتا قىلغان سۆزىدە، ۋىرۇس ئالامىتى كۆرۈلگەن 5 ياشتىن يۇقىرى ھەممەيلەننىڭ ئۆزىنى تەكشۈرتەلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىتالىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى  مۇشۇ24 سائەت ئىچىدە 99 كىشى ئېشىپ، 32 مىڭ 7 گە يەتتى. 9-مارتتىن بۇيان تۇنجى قېتىم قازا قىلغانلارنىڭ سانى 100 دىن تۆۋەنلىدى. ئىتالىيەدە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 1798 كىشىگە چۈشۈپ،  جەمئىي 66 مىڭ 553 كە يەتتى. ئېھتىياتچانلىق بىلەن نورمال ھالەتكە ئۆتكەن ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا، تاقىلىپ تۇرۇشنى قارار قىلغان بىر قىسىم خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ «ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىسىز 18 – مايدا ئېچىلمايمىز. مىڭلىغان خىزمەتچىلەر خەتەر ئاستىدا تۇرماقتا» دەپ يېزىلغان لوزىنكىلارنى ئاسقانلىقىنى دىققەت تارتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر