نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن ئېتنىك توقۇنۇشتا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

نىگېرىيەنىڭ ئاداماۋا ئۆلكىسىدىكى ئىككى ئېتنىك گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 38 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1419350
نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن ئېتنىك توقۇنۇشتا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىگنو رايونىدا خاۋسا ۋە چابو ئېتنىك گۇرۇپپىلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 38 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، توقۇنۇشلار جەريانىدا كۆپ ساندا كىشى يارىلانغان، يۈزلەرچە ئۆيگە ئوت قويۇۋېتىلگەن.

ئاداماۋا ئۆلكىلىكىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۇلايمان نگۇروجېنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەقەدىن كېيىن رايونغا ئەۋەتىلگەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋەزىيەتنى تىنجىتقان.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۆلكىدە ئېتنىك گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى يەر تالىشىش سەۋەبىدىن پات – پات زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر